كىشىلەر نىمە ئۈچۈن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ؟

مەنبە:

تەھرىر: yamgur

يوللانغان ۋاقتى: 2014-12-19 13:04:04

ئالدىنقى تېمىدا بىز پاي چېكى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىۋالدۇق. ئەمدى كىشىلەر نىمە ئۈچۈن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ، دىگەن مەسىلىگە كىلەيلى. كىشىلەرنىڭ پاي چېكى سېتىۋېلىپ شېركەتكە مەبلەغ قوشىشىدىكى مەقسەت پايدىسىغا شېرىك بولۇش ئۈچۈندۇر. بىرقەدەر تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرىدە كىشىلەر پەقەت مەلۇم شېركەتكە مەبلەغ سېلىش مەقسىتى بىلەن پاي چېكى سېتىۋېلىپ، بۇ پاي چېكىنى نەچچە ئون يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ساقلاپ، شېركەتنىڭ پايدا تەقسىم قىلىشىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ. بىراق دۆلىتىمىزدە ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس. جۇڭگونىڭ پاي چېكى بازىرى تېخى يېتىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان يېڭىچە بىر بازار بولغاچقا، پاي ھەسسىدارلىق شېركەتلىرىمۇ تېخى تولۇق پىشىپ يىتىلگىنى يوق. شۇ سەۋەبتىن، پاي ھەسسىدارلىق شېركەتلىرىنىڭ پايچىكلارغا بىرقەدەر يۇقىرى، بىرقەدەر مۇقىم پايدا ئەكىلىش ئىقتىدارى تېخى تۆۋەن. ئەگەر سىز مەلۇم شېركەتنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ سىزگە يۇقىرى پايدا بېرىشىنى ساقلىسىڭىز، بەلكىم چېچىڭىزغا ئاق كىرىپ كىتىشى مۇمكىن. كۆپ ھاللاردا پايدا بېرەلىگەن شېركەتلەرنىڭ سىزگە بېرىدىغان پايدىسى بانكىنىڭ بىريىللىق ئامانەت قويۇش ئۆسۈمىگىمۇ يەتمەيدۇ. بۇنى ئاز دەپ شېركەت پاي چېكىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كىتىپ قالسا، ئاخىرىدا ئېرىشىدىغىنىڭىز پايدا ئەمەس زىيان بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. دۆلىتىمىزدىكى پاي چېكى بازىرى غەرب ئەللىرىدىكى پاي چېكى بازارلىرىدەك پىشىپ يىتىلگەن بازار ئەمەس. بازاردىكى كۆپۈكلەرمۇ بىرقەدەر قويۇق، كۆپۈكلەرنى سىقىپ چىقىرىپ، پاي ھەسسىدارلىق شېركەتلىرىنىڭ ئومومىي ساپاسى ۋە پايدا ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پاي چېكى بازىرىنى ھەقىقىي مەبلەغ سېلىش قىممىتىگە بىر بازار قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كىتىدۇ. شۇڭا دۆلىتىمىز پاي چېكى بازىرىدا پاي چېكى سېتىۋالغانلار مەلۇم شېركەتكە ئۇزۇن مۇددەت مەبلەغ قوشۇپ ئۇلارنىڭ شېرىكى بولۇش مۇددىئاسى بىلەن ئەمەس، بەلكى پاي چېكى بازىرىدىكى ‹توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاش› مەقسىتى بىلەن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ. بىز بۇ خىلدىكى پاي چېكى ئېلىپ سېتىشنى ‹پاي چېكى ئويناش› دەپ ئاتىساق بىرقەدەر مۇۋاپىق. بۇ يەردىكى ‹پاي چېكى ئويناش› پاي چېكى بازىرىدىكى ‹مەبلەغ سېلىش› تىن پەرقلىنىدىغان ھەرىكەت بولۇپ، ئۇ پەقەت پاي چېكى بازىرىدىكى پاي چېكىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ چۈشىشى ئارقىلىق شەكىللىنىدىغان باھا پەرقىدىن پايدىلىنىپ پايدا تېپىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل پاي چېكى ئويناش ھەرىكىتى قىسقا مۇددەتلىك ھەرىكەت بولۇپ، ئۇنىڭ شېركەتنىڭ ئومومىي تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن ھېچقانداق بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق. شۇڭا بۇنداق ھەرىكەتنى شېركەتكە مەبلەغ سېلىش دىگىلى بولمايدۇ.

ئۇنداق بولسا يەنە نىمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر پاي چېكى بازىرىغا شۇنچە قىزىقىدۇ ۋە بەس بەس بىلەن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ؟

جۇڭگو پاي چېكى بازىرى يېڭى گۈللىنىۋاتقان بىر بازار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆلىمى كىچىك، مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەر تېخى مۇكەممەل ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن، مەبلەغ كۈچى زور مەلۇم ئاپپارات ياكى شەخسلەر بازارنىڭ بۇ يىتەرسىز تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىپ، مەلۇم شېركەتنىڭ پاي چېكىنى كونترول قىلىپ، قىسقىلا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ باھاسىنى نەچچە ئون، ھەتتا نەچچە يۈز ھەسسە ئۆرلىتىۋىتىدىغان ئەھۋاللار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ دىگەنلىك، ئەگەر سىز پاي چېكى بازىرىغا مەبلەغ سالسىڭىز، تەلىيىڭىز ئوڭدىن كىلىپ قالسا نەچچە ئايدىلا يۇقىرى نىسبەتتە پايدىغا ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن دىگەنلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بانكا ئۆسۈمى تۆۋەن، باشقا سودىلارنىڭ پايدىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغان ئەھۋالدا، پاي چېكى بازىرىنىڭ ‹قىسقا مۇددەت ئىچىدە› بۇنداق ‹يۇقىرى قىممەت› يارىتالايدىغان سېھرى كۈچى مىڭلىغان ئونمىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.

مەملىكىتىمىز پاي چېكى بازىرىدا بۇنداق ‹توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاش› تەك پۇرسەتپەرەسلىك ھەرىكەتلەر بىرقەدەر ئېغىر بولغاچقا، كەڭ ئۇششاق پايچىلارنىڭ بازارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئۆزگىرىش يۆلىنىشىگە توغرا ھۆكۈم قىلىپ، پايدا تاپالىشى ئۇنداق ئەمەس. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن جۇڭگو پاي چېكى بازىرىنى مەبلەغ سېلىش قىممىتى يوق دىيىشكە بولمايدۇ. ئەگەر بىز بازارنى ھەقىقى ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا بۇ بازارنىڭ ئۇزاق مۇددەت مەبلەغ سېلىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. بۇنداق دىيىشتىكى سەۋەب شۇكى:

بىرىنچىدىن، مەملىكىتىمىز پاي چېكى بازىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالى بۇ بازارنىڭ چوقۇم پىشىپ يىتىلىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. غەرب ئەللىرىدىكى پاي چېكى بازىرى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ھەقىقى ئەينىكى. ئۇلارنىڭ پاي چېكى بازىرىنىڭ بۈگۈنى دەل بىزنىڭ پاي چېكى بازىرىمىزنىڭ ئەتىسى. شۇڭا پاي چېكى بازىرى تېخىمۇ گۈللىنىدۇ، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ. بۇ تەرەققىياتنىڭ تەلىپى.

ئىككىنچىدىن، مەملىكىتىمىز ئىقتىسادى مۇقىم ۋە تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، دۆلەت ئىقتىسادىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەينەكلىك رولىنى ئوينايدىغان پاي چېكى بازىرىمۇ چوقۇم ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ روناق تاپقۇسى.

ئۈچىنچىدىن، پاي ھەسسىدارلىق شېركەتلىرىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىشى جەھەتتىكى قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى، مەبلەغ مەبلەغ سالغۇچىلار ساپاسىنىڭ بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرىلىشىگە ئەگىشىپ، بۇرۇنقىدەك مەلۇم شېركەتكە ئەمەس، بەلكى مەلۇم پاي چېكىگە مەبلەغ سالىدىغان بىنورمال ھەرىكەتلەر تەدرىجى ئازلاپ، پاي چېكى بازىرى بىر تۈركۈم ناچار شېركەتلەرنى بازاردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پاي چېكىنى بازارغا سالغان پاي ھەسسىدارلىق شېركەتلىرى پايچىكلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ پايدا ئېلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپ بازاردىكى شېركەتلەرنىڭ ئومومىي ساپاسى ئۆسۈپ، ھەقىقى مەنىدىكى شېركەتكە مەبلەغ سالىدىغان شېرىكلەر بارغانسىرى كۆپىيىدۇ.

مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىز پاي چېكى بازىرىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ۋە ئۇنىڭ مەبلەغ سېلىش قىممىتىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

پاي چېكى ۋە پاي چېكى تېخنىكىسى ھەققىدىكى ساۋاتلار باغداش تورى بىلەن بايبول شېركىتى بىرلىكتە باشقۇرىدىغان بايبول سەھىپىسىدە داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بۇلىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有