پاي چېكى ئويناش ئۈچۈن قانداق تەييارلىق بۇلىشى كېرەك

مەنبە:

تەھرىر: yamgur

يوللانغان ۋاقتى: 2014-12-20 15:44:08

كىشىلەرنىڭ مىجەز خارەكتىرى، ئىقتىدارى ۋە قىزىقىشلىرى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەربىر كىشىنىڭ ئوخشاشمىغان ساھەلەردە جارى قىلدۇرالايدىغان قابىلىيىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر پالانچى بەك ئەقىللىق، پاي چېكىنى ياخشى ئوينىيالىشى مۇمكىن دەپ قويىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بۇلىشى ناتايىن. يەنە بەزى كىشىلەر نەزىرىيە جەھەتتىن سۆزلەپ باشقىلارنى قايىل قىلالىسىمۇ، پاي چېكى ئويناش ئەمەلىيىتىگە كەلگەندە ئۆزى سۆزلىگىنىدەك پايدىغا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن.

پاي چېكى بازىرىدا ئۇتۇق قازانغان كىشىلەر ئادەتتە سالماق، جىددىي پەيتلەردە ئۆزىنى يوقىتىپ قويماي، سوغۇق قانلىق بىلەن ئەمەلىي ئەھۋالغا توغرا ھۆكۈم قىلالايدىغان يۈرەكلىك ۋە كەسكىن كىشىلەردۇر. ئەكسىچە پايدىغا ئېرىشكەندە خۇشاللىقىدىن ھەممىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان، زىيانغا ئۇچرىغاندا ئاسانلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدىغان، مەسىلىنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلالمايدىغان، باشقىلاردىن دائىم مەسلىھەت سوراپ ئىش ئېلىپ بارىدىغان كىشىلەرنىڭ بازاردا پۇت تىرەپ تۇرالىشى تەس.

پاي چېكى بازىرىدا ‹سىزگە پايدا ئەكىلىدىغىنى مەلۇم پاي چېكى ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىك ھالىتى› دەيدىغان كۆز قاراش بار، بۇنداق كۆز قاراش ئەمەلىيەتتە مەلۇم ئىلمىي ئاساسقا ئىگە، مىجەز خارەكتىرى، پىسخىكىسى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بىر پايچىكىنى سېتىۋېلىپ، بىرى پايدا ئېلىشى يەنە بىرى زىيان تارتىشى مۇمكىن.

ئۇنداقتا پاي چېكى ئويناش ئۈچۈن قانداق تەييارلىق بۇلىشى كېرەك؟

1.مەبلەغ تەييارلاش

بۇنى ھەربىر كىشى ئۆز ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتسە بۇلىدۇ. پاي چېكى ۋاستىچى شېركەتلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھېساب ئېچىش چەكلىمىسى يوق. شۇڭا بەزىلەر ئائىلىسىدىكى نەچچە مىڭ يۈەن ئېشىنچە پۇلىنى ئەپ چىقىپ بازارغا كىرىۋىرىدىغان بولدى.

2.پاي چېكىگە ئائىت ئاساسى بىلىملەرنى بىلىش

پاي چېكى بازىرىغا كىرىشتىن ئاۋۋال بازارغا نىسبەتەن ئەڭ ئاساسى ساۋاتلارغا ئىگە بۇلىشىمىز، بازاردا ئىشلىتىلىدىغان بەزى كەسپى سۆز ۋە ئاتالغۇلارنى چۈشىنىۋېلىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ئاستا ئاستا گېزىت ژورنال ۋە تېلىۋىزورلاردىكى پاي چېكى خەۋەرلىرىنى چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيىگە يىتىشىمىز زۆرۆر.

3.مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىنى بېكىتىشىمىز كېرەك

پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىش ئادەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئوتتۇرا مۇددەتلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش دەپ ئايرىلىدۇ.

تەرەققى تاپقان غەرب ئەللىرىدە كىشىلەر ئىشەنچلىك ھەم روناق تېپىۋاتقان شېركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئون نەچچە يىل ساتماي تۇتۇپ تۇرۇپ، شېركەتنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ، مانا بۇ ھەقىقى مەنىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىدۇر. ئۇ بىزنىڭ بۇيەردە سۆزلىمەكچى بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىشقا ئوخشىمايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ پاي چېكى بازىرىدا مەلۇم شېركەتنىڭ پاي چېكىنى تۆۋەنرەك باھادا سېتىۋېلىپ، ئۇنى يېرىم يىل ياكى بىر يىل ئەتراپىدا ساقلاپ، باھاسى ئۆسكەندە سېتىپ چىقىرىپ ئارىدىكى باھا پەرقىدىن پايدا كۆرۈش ئادەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك پاي چېكى ئويناش بۇلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش مەلۇم پاي چېكىنى بىر ياكى بىر نەچچە ئاي تۇتۇپ تۇرۇش ئوتتۇرا مۇددەتلىك پاي چېكى ئويناش بۇلىدۇ. قىسقا مۇددەتلىك پاي چېكى ئويناش بولسا، پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەۋالىغا قاراپ ئاز پايدا ۋە چاققان ھەرىكەت بىلەن تېز كىرىپ تېز چىقىدىغان پاي چېكىش ئويناش ئۇسۇلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مەبلەغ ئەھۋالى ۋە خارەكتىگە ئاساسەن بۇ ئۈچ خىل ئۇسۇلدىن بىرنى تاللىۋالسا بۇلىدۇ. بۇ مەزمۇندا بىز كىيىنكى مەزمۇنلاردا داۋاملىق توختىلىمىز.

بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۈچ نۇقتا پاي چېكى بازىرىغا يېڭى كىرگۈچىلەر چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك بولغان تەرەپلەر. ئەگەر سىزنىڭ ھەممە شەرتلىرىڭىز ھازىرلانغان بولسا سىناق تەرىقىسىدە پاي چېكى سودىسىنى باشلاپ بېقىڭ. ئەگەر شەرتلىرىڭىز ھازىرلانمىغان بولسا باغداش تورىنىڭ مەزكۇر سەھىپىسىگە يېقىندىن دېققەتتە بولۇڭ ياكى بىۋاستە ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有