پاي چېكى سودىسىغا قانداق قاتنىشىمىز

مەنبە:

تەھرىر: yamgur

يوللانغان ۋاقتى: 2014-12-21 14:14:16

پاي چېكى سودىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىش سالاھىيىتىڭىز بۇلىشى كېرەك. شۇڭا ئاۋۋال كىملىكىڭىزنى ئېلىپ، ئىش ئورنىڭىز ياكى ئۆيىڭىزگە يېقىنراق پاي چېكى تىجارەت ئورنىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرسىڭىزلا، ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيسىز.( ھازىر تور ۋاستىلىرى تەرەققىي قىلىپ ئۆيدە ئولتۇرۇپلا كومپىيوتۇر ياكى تېلفۇن ئارقىلىق تىزىملىتىش ئەمەلگە ئاشتى).

پاي چېكى ئېلىپ سېتىش ئۈچۈن مەبلەغ كىتىدۇ. شۇڭا سىز ئىككىنچى قەدەمدە مەبلەغ سچوتى كارتىسى 资金账户卡 بىجىرىسىز. مەبلىغىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ سچوتىدا ساقلىنىدۇ. ئىشلەتمىگەن قىسمىغا بانكا ھېسابى بۇيىچە ئۆسۈم بېرىلىدۇ. سىز ھەرۋاقىت مەبلەغ ئىسچوت كارتىڭىزغا ئاساسەن ئىسچوتىڭىزدىكى پاي چېكىنىڭ خىلى، سانى ۋە مەبلىغىڭىزنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى، ھازىرقى پايدا زىيىنىڭىز قاتارلىق ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك بولغان ھەرقانداق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرەلەيسىز.

پاي چېكى ئېلىپ سېتىشمۇ ھازىر ئاددى ھەم قولايلىق بولۇپ كەتتى. ئۆزىڭىز پاي چېكى تىجارەت زالىغا بېرىپ كارتوچكىڭىز ياكى پوكەي ئارقىلىق، تېلفۇندا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق ياكى ئىنتىرنىت ئارقىلىق خالىغانچە پاي چېكى ئېلىپ ساتسىڭىز بۇلىۋېرىدۇ. پاي چېكى سودىسىغا كىتىدىغان مەبلەغنىمۇ ئۆزىڭىز بېكىتەلەيسىز، ئادەتتە نەچچە مىڭ يۈەن بىلەنمۇ بىمالال سودا قىلالايسىز

بايبول شېركىتى سىزگە بۇ ھەقتە مەسلىھەت بېرىدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئالاقىلىشىش نۇمىرى 09915155117


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • كىشىلەر نىمە ئۈچۈن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ؟

    ئالدىنقى تېمىدا بىز پاي چېكى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىۋالدۇق ئەمدى كىشىلەر نىمە ئۈچۈن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ، دىگەن مەسىلىگە كىلەيلى كىشىلەرنىڭ پاي چېكى سېتىۋېلىپ شېركەتكە مەبلەغ قوشىشى

  • پاي چېكى ئويناش ئۈچۈن قانداق تەييارلىق بۇلىشى كېرەك

    كىشىلەرنىڭ مىجەز خارەكتىرى، ئىقتىدارى ۋە قىزىقىشلىرى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەربىر كىشىنىڭ ئوخشاشمىغان ساھەلەردە جارى قىلدۇرالايدىغان قابىلىيىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ

  • پاي چېكى ئېلىپ سېتىشنىڭ چىقىمى بارمۇ

    پاي چېكى ئېلىپ سېتىش قانۇنلۇق سودا قىلىشقا كىرىدۇ شۇڭا بەلگىلىك مىقداردا دۆلەتكە باج تاپشۇرىمىز باجدىن سىرت يەنە پاي چېكى ۋاستىچى تىجارەت شېركەتلىرىنىڭ پاي چېكىڭىزنى بازاردا ۋاكالىتەن ئېلىپ سېتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغىمۇ مەلۇم نىسبەتتە ھەق تۆلەيسىز

  • پاي سودىسىدىكى ماھارەتلەر

    پاي سودىسى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرىنى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ مانا مۇشۇنداق بوران – چاپقۇنلار بىلەن تولغان بۇ بازارغا مەبلەغ سالامدۇق – يوق، سالساق قانداق سالىمىز؟ تۆۋەندە مەن نەچچە يىللىق پاي...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有