پاي چېكى ئېلىپ سېتىشنىڭ چىقىمى بارمۇ

مەنبە:

تەھرىر: yamgur

يوللانغان ۋاقتى: 2014-12-22 12:03:26

پاي چېكى ئېلىپ سېتىش قانۇنلۇق سودا قىلىشقا كىرىدۇ. شۇڭا بەلگىلىك مىقداردا دۆلەتكە باج تاپشۇرىمىز. باجدىن سىرت يەنە پاي چېكى ۋاستىچى تىجارەت شېركەتلىرىنىڭ پاي چېكىڭىزنى بازاردا ۋاكالىتەن ئېلىپ سېتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغىمۇ مەلۇم نىسبەتتە ھەق تۆلەيسىز. بۇلارنى قوشۇپ ھېسابلىساق جەمئىي مىڭدىن بەش بۇلىدۇ، يەنى دۆلەتكە تۆلەيدىغان باج مىڭدىن ئىككى، تىجارەت ۋاستىچى شېركەتكە تۆلەيدىغان ھەق مىڭدىن ئۈچ بۇلىدۇ. مەسىلەن سىز Y شېركىتىنىڭ پاي چېكىدىن 1000 نى 9 يۈەندىن سېتىۋالسىڭىز، ئۇنداقتا سىز 9000 يۈەننىڭ مىڭدىن بەشى يەنى 45 يۈەن ھەق تۆلەيسىز. بۇ دىگەنلىك ھەربىر پېيىڭىزنىڭ تەخمىنەن 0.05 يۈەن چىقىمى بار دىگەنلىك بۇلىدۇ. دىمەك پاي چېكىڭىزنىڭ باھاسى 9.1 يۈەنگە چىقسا سىز پايدىمۇ ئالمىغان زىيانمۇ تارتمىغان بۇلىسىز، 9.2 يۈەنگە چىقسا ھەربىر پايدىن 1 مو پايدىڭىز بۇلىدۇ. ئەگەر 9 يۈەندە تۇرىۋەرسە 0.05 يۈەن زىيىنىڭىز بۇلىدۇ. ھەرقېتىم ئېلىپ ساتقاندا كومپىيوتۇر سىزنىڭ تۆلەيدىغان ھەققىڭىزنى ئاپتوماتىك ھېسابلاپ ھېسابىڭىزدىن ئايرىۋالىدۇ. پاي چېكىنى ئېلىپ ساتقاندا ‹قول› دىگەن بىرلىكنى قوللىنىمىز. بىر قول ئادەتتە 100 دانە پاي چېكى بۇلىدۇ. پاي چېكى ئېلىپ سېتىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىمۇ بىر قول بۇلىدۇ. شۇنداق ھېسابلىغاندا يۇقىرىدا ئالغان 1000 دانە پاي چېكىڭىز 10 قول بۇلىدۇ. دۆلىتىمىز پاي چېكى بازىرىدا T+1 تۈزىمى يولغا قويۇلغان. T ھەرپى ئىنگىلىزچە ‹ۋاقىت› دىگەن سۆزنىڭ باش ھەرپى. بۇ خىل تۈزۈمنىڭ مەنىسى بۈگۈن ئالغان پاي چېكىنى پەقەت ئەتىسىدىن باشلاپ ساتالايسىز، پاي چېكىنى ئالغان كۈنىلا ساتسىڭىز بولمايدۇ دىگەنلىك. ئەگەر پاي چېكىنى بۈگۈن ساتسىڭىز پۇلىڭىز ئەتە ھېسابىڭىزغا كىرىدۇ، يەنى نەق پۇل چىقىرىشقا توغرا كەلسە، پاي چېكىنى بۈگۈن سېتىپ ھېسابىڭىزغا پۇل كىرگەن بىلەن ئۇنى ئەتىسى چىقىرىۋالالايسىز. لىكىن پاي چېكى ساتقان كۈنى قايتا پاي چېكى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز تامامەن مۇمكىن. ھېسابىڭىزدا قانچىلىك پۇل بولسا ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتەلەيسىز.

پاي چېكى ئېلىپ سېتىشمۇ ھازىر ئاددى ھەم قولايلىق بولۇپ كەتتى. ئۆزىڭىز پاي چېكى تىجارەت زالىغا بېرىپ كارتوچكىڭىز ياكى پوكەي ئارقىلىق، تېلفۇندا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق ياكى ئىنتىرنىت ئارقىلىق خالىغانچە پاي چېكى ئېلىپ ساتسىڭىز بۇلىۋېرىدۇ. پاي چېكى سودىسىغا كىتىدىغان مەبلەغنىمۇ ئۆزىڭىز بېكىتەلەيسىز، ئادەتتە نەچچە مىڭ يۈەن بىلەنمۇ بىمالال سودا قىلالايسىزبايبول شېركىتى سىزگە بۇ ھەقتە مەسلىھەت بېرىدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئالاقىلىشىش نۇمىرى 09915155117


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有