ئىنچىكە ھالقىلارمۇ سودىنىڭ پۈتىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ

مەنبە: ئىقتىساد گېزىتى

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2015-08-21 12:12:25

داڭلىق بىر سېتىش خادىمى سېرتقا خىزمەتكە چىققاندا ،دائىم يېنىغا قوڭغۇراقلىق سائەت ئېلىۋالدىكەن ھەربىر خېرىدار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە «كەچۈتۈڭ پەقەت 15 مىنۇتلا ۋاقتىڭىزنى ئالىمەن »دەپ ،سائىتىنى 15مىنۇتتا جىرىڭلاشقا تەڭشەپ قويىدىكەن 15مىنۇتتىن كېيىن سائەتنىڭ جىرىڭلىشى بىلەن ئۇمۇ تەڭ ئورنىدىن تۇرۇپ سەت بولدى ،ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويدۇم ،15 مىنۇت توشتى ،ئەمدى مەن قايتاي دەيدىكەن .

ئەگەر سۆھبەت ئوڭۇشلۇق بولسا ،قارشى تەرەپكە داۋاملىق سۆھبەتلىشىش تەكلىپى بېرىدىكەن .بۇ چاغدا سېتىش خادىمى :«بولىدۇ ،مەن يەنە سىزنىڭ 15مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ئالاي »دەيدىكەن ۋە سائىتىنى 15 مىنۇتتا جىرىڭلاشقا تەڭشەيدىكەن .

كۆپلىگەن خېرىدارلار تۇنجى قېتىم سائەتنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىدا ناھايىتى ھەيران قالىدىكەن .ئۇ چۈشەندۈرۈپ «بۇ سائەتنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى ،مەن پەقەت 15مىنۇتلا ۋاقتىڭىزنى ۋاقتىڭىزنى ئالىمەن ،ھازىر ۋاقت توشتى »دەيدىكەن .

كۆپىنچە ئەھۋاللاردا خېرىدارلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى ياخشى بولىدىكەن .بەزىلەر«بۇ ئادەم يامان ئەمەس ئادەم ئىكەن ،بۇ ئىشنى ناھايىتى ئەستايىدىل قىلىدىكەن »دەيدىكەن ،يەنە بەزىلەر ئەجەپ قىززىقارلىق ئادەم ئىكەن بۇ ،يەنە بىر پاراڭلىشىپ باقاي»دەيدىكەن ،بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ سودىدا پۈتۈشۈش پۇرسىتى كۆپ بولىدىكەن .

تىجارەت ھېكمىتى: بەزىدە ئىنچىكە ھالقىلارمۇ سودىنىڭ پۈتىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ .ماقالىدىكى سېتىش خادىمى «ئۆزىنى كۆرسەتكەندەك»قىلغان بولسىمۇ ،تۇنجى قېتىملا باشقىلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرغان ،بۇ ئۇنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشىدىكى سىرى .


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有