تىجارەت ھېكمىتى - ناشتىلىق سېتىش

مەنبە: ئىقتىساد گېزىتى

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2015-10-29 17:41:05

بىر تاركوچىنىڭ 2تەرىپىدە ئىككى ناشتىلىق دۇكىنى بارئىكەن .ئورنى بىريەردە بولغاچقا ،2دۇكاننىڭ خېرىدارلىرى ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىكەن.ھەيران قالارلىق يېرى، كوچىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى دۇكاننىڭ تىجارەت سوممىسى دائىم شەرق تەرەپتىكىگە قارىغاندا يوقۇرى چىقىدىكەن،ئوخشاش تىجارەت ئەندىزىسى، ئوخشاش كۈتۈۋېلىش ئۇسۇلى،ئوخشاش باھا،ئوخشاش تىجارەت مۇھىتىدا بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇ ئىش ئەتراپقا پۇر كېتىپتۇ،ئەمما ھېچكىم بۇنىڭ تېگىگە يېتەلمەپتۇ.كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر زىيالى شۇ كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قاپتۇھەمدە بۇنىڭدىن زادى نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بوپتۇ.

سەھەردە زىيالى ئالدى بىلەن شەرق تەرەپتىكى دۇكانغا بېرىپتۇ.ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال كۈلۈمسىرەپ ئۇنى كۈتىۋاپتۇ،بىرچىنا شورپا ئەكىلىپ بەرگەچ زىيالىدىن:

-تۇخۇم يەمسىز؟-دەپ سوراپتۇ.

-ياق،-دەپتۇ زىيالى.

ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئارتۇق گەپ قىلماي،باشقا خېرىدارلارنى كۈتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپتۇ.زىيالى ئوتتۇرا ياشلىق ئايالنىڭ باشقا خېرىدارلارنىڭ ھەممىسىدىن ئوخشاش سوئال سورىغانلىقىغا دىققەت قىپتۇ.ئەلۋەتتە خېرىدارلار ئوخشىمىغاچقا،ئىھتىياجىمۇ ئوخشىمايدىكەن.بەزىلىرى ھە دىسە ،بەزىلىرى ياق دەيدىكەن.«ھە»«ياق»دەيدىغانلار ئاساسىي جەھەتتىن تەڭ نىسپەتنى ئىگەللەيدىكەن.

ئارقىدىن زىيالىي كوچىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ناشتىلىق دۇكىنىغا بېرىپتۇ.ئوخشاشلا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال كۈلۈمسىرەپ ئۇنى كۈتىۋاپتۇ،بىرچىنە شورپا ئەكىلىپ بەرگەچ زىيالىدىن :

-تۇخۇمدىن بىرنى يەمسىز،ئىككىنىمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.

-بىرنى،-دەپتۇ زىيالىي ئىختىيارسىزلا .

زىيالى بۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئايالنىڭمۇ خېرىدارلاردىن ئوخشاش سوئال سورىغانلىقىغا دىققەت قىپتۇ.تۇخۇم يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئىككىنى،ياخشى كۆرمەيدىغانلار بىرنى بۇيرۇپتۇ.يېمەيدىغانلارمۇ بارئىكەن،بىراق ناھايىتى ئاز ساننى ئىگەللەيدىكەن.

زىيالىي بۇ ئىشنىڭ تىگىگە يەتكەندەك بولۇپتۇ.

تېجارەت ھېكمىتى :

دانا سېتىش خادىملىرى بىلەن ئادەتتىكى سېتىش خادىملىرىنىڭ سېتىش ئۇسۇلى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ.ئەمما ،ئىنچىكە نۇقتىدىكى پەرق زور پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ياخشى سېتىش خادىمىغا نىسبەتەن سېتىش ئەندىزىسى ئىنتايىن مۇھىم ،لېكىن ئىنچىكە نۇقتا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有