پاي سودىسىدىكى ماھارەتلەر

مەنبە: باغداش تورى

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2015-11-03 20:14:37

پاي سودىسى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرىنى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. مانا مۇشۇنداق بوران – چاپقۇنلار بىلەن تولغان بۇ بازارغا مەبلەغ سالامدۇق – يوق، سالساق قانداق سالىمىز؟ تۆۋەندە مەن نەچچە يىللىق پاي سودىسى جەريانىدا يەكۈنلىگەن تەجرىبە – ساۋاقلىرىمنى ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

بىرىنچى، شېنجېن ۋە شاڭخەي پاي سودا بازىرىدا 2000 خىلدىن ئارتۇق پاي بار. بۇلارنىڭ ئىچىدىن قايسىسىنى تاللاپ سېتىۋېلىش باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە. مېنىڭ تەكلىپىم، ھەممە پايغا دىققەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزىڭىز مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئۈچ خىلدىن بەش خىلغىچە پاي بولسىلا يېتەرلىك. سىز مۇشۇ پايلار بىلەنلا ھەپىلىشىڭ، ئۆسۈش – چۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەڭ، ئاندىن مۇۋاپىق پەيتنى تۇتۇپ سودىنى باشلىۋېتىڭ. مۇشۇنداق ئاز ساندىكى پاي بىلەن مۇقىم ھەپىلەشكەندە، پايلارنىڭ ئۆسۈش – چۈشۈش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرغىلى، مۇۋاپىق ۋاقىتنىڭ كەلگەن – كەلمىگەنلىكىنى بىر قەدەر توغرا پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.

ئىككىنچى، چوڭ پايلارنى تاللاشتىن ساقلىنىڭ. چوڭ پاي دېگىنىمىز پاي كۆلىمى 5 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىغان پايلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: پولات – تۆمۈر، ئېنېرگىيە، بانكىچىلىق، سۇغۇرتا دېگەندەك پايلار. چوڭ پايلارغا كىرىۋاتقان مەبلەغ زىيادە كۆپ بولسىمۇ، ئۆرلەش – چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. شۇڭا ئۇششاق پايچىلار چوڭ پايلارغا مەبلەغ سېلىشتىن ساقلانغان ياخشى.

ئۈچىنچى، پاي باھاسى چۈشۈپ كەتسە ھودۇقماڭ. بىر قىسىم كىشىلەر ئالغان پېيى چۈشۈپ كەتسە ھودۇقۇپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، ھاپىلا – شاپىلا سېتىۋېتىپ، زىياندىن ساقلانماقچى بولىدۇ. ئەپسۇس، بۇ خاتا ئۇسۇل. چۈشكەن ھامان مەبلەغنى قايتۇرۇۋالسىڭىز، زىيان تارتقان مەبلىغىڭىز يوق بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا سىزنىڭ قۇتقۇزىدىغىنىڭىز پۇل ئەمەس، بەلكى پاي سانى بولۇشى كېرەك. چۈنكى چۈشۈۋېرىدىغان پاي مەۋجۇت ئەمەس. پاي تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتسە سالماق بولۇپ، داۋاملىق كۆزىتىڭ. پاي كۆرسەتكۈچى پەۋقۇلئاددە چۈشۈپ كەتمىسىلا قولىڭىزدىكى پاينىڭ تۇيۇقسىز چۈشۈشى كۆپىنچە ھاللاردا ۋاقىتلىق بولىدۇ. يەنە بىر ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى، قولىڭىزدىكى پاي چۈشسە دەرھال سېتىۋېتىپ، ئۆسۈۋاتقان پاينى سېتىۋېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.

تۆتىنچى، زىيادە ئاچ كۆزلۈك قىلىشقا بولمايدۇ. پاينىڭ ھەر ۋاقىت خەتىرى بار، شۇڭا مۇۋاپىق پايدا ياراتقان ھامان سودىنى پۈتتۈرۈڭ. مېنىڭ تەكلىپىم بىر ھەپتىلىك سودا قەرەلىدە پايدا نىسبىتىنى %10 ئىچىدە، ئېشىپ كەتسە %20 ئىچىدە كونترول قىلىڭ. 10 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالغاندا، پايدا نىسبىتىنى %10 دەپ ھېسابلىغاندىمۇ، ھەپتىدە تەخمىنەن 1000 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ دېگەن گەپ. يەنە بىرى، ھەر ۋاقىت پاي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرىدىغان شارائىتىڭىز بولسۇن. يان تېلېفونىڭىزنىڭ تور ئىقتىدارى بىلەن تېلېفوندا پاي سودىسى قىلىدىغان دېتاللىرى تولۇق بولسۇن ھەم بۇ ئىقتىدارلارنى پۇختا ئۆگىنىۋېلىڭ، شۇنداق بولغاندا ھەرقانداق يەردە بىمالال پاي ئېلىپ – ساتالايسىز.

بەشىنچى، شارائىتىڭىز يار بەرسە، چەت ئەلدىكى پاي بازىرىغا كۆز – قۇلاق بولۇڭ. چۈنكى چەت ئەل پايلىرىنىڭ چوڭ ئۆسۈپ – چۈشۈشى دۆلەت ئىچىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكىنى مىسالغا ئالساق، ۋاقىت پەرقى سەۋەبلىك دۆلىتىمىزدە پاي سودىسى توختىغاندا، ئامېرىكىدا باشلىنىدۇ. شۇڭا كەچلىكى تور ئارقىلىق پاي سودىسى ئەھۋالىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئامېرىكا پاي بازىرىنىڭ چوڭ چۈشۈش – ئۆسۈش ئەھۋالى پۈتۈن دۇنيانىڭ پاي بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ بازارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغاندا، ئەتىسى دۆلىتىمىز پاي بازىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە كۆڭلىمىزدە سان بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有