ئىستۇدېنتلار قايسى خىل ئۇسۇلدا پۇل تاپسا بولىدۇ؟

مەنبە: ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2015-12-03 19:10:01

ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، ئۆز-ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش - كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارزۇسى. نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتا–ئانىسىغا يۆلۈنۈۋالماي، ھەر خىل خىزمەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇ تېما توغرىسىدا مۇخبىر زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇل تېپىشتىكى يەتتە خىل ئۇسۇلىنى يىغىنچاقلاپ چىقتى.

ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، ئۆز-ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش - كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارزۇسى. نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتا–ئانىسىغا يۆلۈنۈۋالماي، ھەر خىل خىزمەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇ تېما توغرىسىدا مۇخبىر زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇل تېپىشتىكى يەتتە خىل ئۇسۇلىنى يىغىنچاقلاپ چىقتى.

1. ئوقۇش مۇكاپات پۇلى - ئەڭ ئىشەنچلىك ئىقتىسادىي مەنبە.

ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا، بىلىم ئىگەللەش بولسا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى. شۇڭلاشقا ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوخشىمىغان تۈرلەردە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىنغان. بىراق دەرىجىسى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئادەتتە 1-، 2-، 3-دەرىجىلەرگە بۆلىنىدۇ. 1-دەرىجىلىك مۇكاپات تەخمىنەن 2000-3000 يۈەنگىچە، 2-دەرىجىلىك مۇكاپات تەخمىنەن 1000-2000 يۈەنگىچە، 3-دەرىجىلىك مۇكاپات 1000 يۈەندىن تۆۋەن بولىدۇ. بىراق بۇ مۇكاپاتلارغا ئېرىشىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، %30 ئوقۇغۇچى بۇ خىل ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تىرىشچانلىققا تايىنىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ ئاسان مەبلەغكە ئېرىشكىلى بولىدىغان يول بولالايدۇ.

2. ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى - ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان پۇل تېپىش ئۇسۇلى.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارزۇلۇق، ئەركە چوڭ بولغان بالىلار بولۇپ، ئۇلاردا ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ بولالمايدىغان ئاجىزلىق بار. ئۇ بولسىمۇ ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە ئەمەس. ھەقىقىي قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى كەمچىل. شۇڭلاشقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پەقەتلا ئۆزلىرى پىشىشق بىلىدىغان ساھەنى ئىزدەپ تاپقاندىلا، ئاندىن پۇل تاپالايدۇ. بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئىشلىتىپ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشى ئۇلار ئەڭ پىشىشىق بىلىدىغان ھەمدە قىلىشقا ماھىر بولغان كەسىپتۇر. شۇڭا ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش يولى ھېسابلىنىدۇ.

3. قوشۇمچە ۋەزىپىلىك ئوقۇتقۇچى بولۇش - ئەڭ ئېتىبارلىق خىزمەت شەكلىدۇر.

بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئوخشىمايدۇ. ئىستۇدېنتلار ئادەتتە شەخسىيلەر ئاچقان مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر خىل تەربىيەلەش مەكتەپلىرىگە بېرىپ دەرس ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قەدەر ئاسان تاپالايدىغىنى ئاساسلىقى ئىنگلىز تىلى، كومپيۇتىر ۋە قانۇن قاتارلىق كەسىپلەردىن دەرس ئۆتۈش بولۇپ، بۇلار ئەڭ ئومۇملاشقان كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىن يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئاساس قىلىنغان. بۇ ئىش كەسپىي ئىقتىدارى يۇقىرى، دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسىگە ئېرىشكەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ ياخشى پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ.

4. ماقالە يېزىش - كىشلەر ئەڭ ھەۋەس قىلىدىغان پۇل تېپىش ئۇسۇلى.

بىر قىسىم قەلەم كۈچى كۈچلۈك، تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گېزىت-ژۇرناللاردا، ھەتتا تور بىكەتلەردە ماقالە ئېلان قىلىدۇ. قەلەم ھەققىمۇ بىر قەدەر ياخشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قىلغاندا تېز سۈرئەتتە نام چىقارغىلى بولىدۇ. ھازىر بىر قىسىم گېزىتلەردە بىر قانچە مىڭ خەت ئەتراپىدا ئەسەر ئېلان قىلسا، تۇرمۇش خىراجەت پۇلى ئەسەرنىڭ قەلەم ھەققى بىلەن ھەل بولدى، دېگەن گەپ. شۇڭلاشقا بىر قىسىم ئىستۇدېنتلار ماقالە يېزىش ئارقىلىق جەمئىيەتكە ۋە ژۇرنال تەھرىراتلىرىغا تايىنىپ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىيالايدۇ.

5. تەرجىمانلىق - ئەڭ ئېتىبارلىق پۇل تېپىش ئۇسۇلى.

شىركەتلەرگە چەت ئەل تىلى ماتېرىياللىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىش بولسا، چەت ئەل تىلى فاكۇلتېتى ياكى ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى كىرىم قىلىش يولى ھېسابلىندۇ. تەرجىمانلىق قىلىشتا تۆۋەن مائاش ئالىدىغان ئىشمۇ بار، يۇقىرى مائاش ئالىدىغان ئىشمۇ بار. ئاغزاكى تەرجىمانلىقنىڭ ئىش ھەققى بىر قەدەر يۇقىرى، يېزىقچە تەرجىمانلىقنىڭ ئىش ھەققى بىر قەدەر تۆۋەن. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسپىي بىلىملىرىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن، ئۇچرايدىغان چەكلىمىسىمۇ بىر قەدەر كەڭ بولىدۇ. شۇڭلاشقا نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ خىل كەسىپتىن ئىش باشلىسا بولىدۇ، دېيەلمەيمىز. بۇ پەقەت ئىقتىدارغا باغلىق ئىش.

6. مال ساتقۇچى بولۇش - باي بولۇشقا جەڭ ئېلان قىلىشتۇر.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قۇشۇمچە قىلىدىغان خىزمەت دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بولۇپ بەزىلىرى شىركەتلەردە قۇشۇمچە خىزمەت قىلىدىغان ياللانما خادىم، يەنە بەزىلىرى مۇلازىمەت خاراكتېرىدىكى قۇشۇمچە خىزمەت قىلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە مال سېتىش خىزمىتىنى قىلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. مال سېتىش بولسا بىر خىل نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىدىغان ۋە باي بولۇشقا جەڭ ئېلان قىلىدىغان خىزمەت. غەلبە قازىنىش ئارزۇسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر قەدەر ماس كېلىدۇ.

7. توردا دۇكان ئېچىش - ئەڭ مودا بولۇۋاتقان پۇل تېپىش ئۇسۇلى.

نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان بولۇپ كەتتى. ئادەتتە كۆپىنچىسى ئويۇن ئويناش، كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلىدۇ. بىراق نېمىشقا بۇنچە كۆپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدۇ؟ مېنىڭچە توردا دۇكان ئېچىپ ھەر كۈنى 1-3 سائەتكىچە ۋاقىت چىقىرىپ تەشۋىق قىلىش ۋە زاكاز قىلىدىغان خېرىدار ئىزدەش ئارقىلىق ئىنتايىن ياخشى تىجارەت قىلغىلى بولىدۇ. بىراق مال مەنبەسى ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ، چوقۇم ياخشى بىر مەھسۇلاتنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇش كېرەك. ئاز مەبلەغ سېلىپ، خەتەرسىز، ۋاكالىتەن مال سېتىش ئارقىلىق تەننەرخىنى ئازايتىپ مال كىرگۈزۈپ مال ئەۋەتىدىغان ئاۋارىچىلىقتىن خالىي بولغىلى بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • پۇل پاخاللىقى ئۇقۇمى، ئىستېمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى ۋە پۇل پاخاللىشىش سەۋەبى

    پۇل پاخاللىقى (Inflation) دېگىنىمىز، ئىقتىسادىي ئايلىنىش جەريانىدا كېلىپ چىقىدىغان مال باھاسىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك، ئىزچىل ئۆرلەش ھادىسىسى قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى ئوبۇرۇتتا ئەمەلىي ئېھتىياجلىق بولغان پۇل مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىشى پۇل پاخالل...

  • ئەبگا ئۇيغۇرلار

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىساد ( پۇل) قارىشى بىرىنچى مەسىلە: پۇل قارىشىمىز

  • كىشىلەر نىمە ئۈچۈن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ؟

    ئالدىنقى تېمىدا بىز پاي چېكى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىۋالدۇق ئەمدى كىشىلەر نىمە ئۈچۈن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ، دىگەن مەسىلىگە كىلەيلى كىشىلەرنىڭ پاي چېكى سېتىۋېلىپ شېركەتكە مەبلەغ قوشىشى

  • پاي چېكى ئويناش ئۈچۈن قانداق تەييارلىق بۇلىشى كېرەك

    كىشىلەرنىڭ مىجەز خارەكتىرى، ئىقتىدارى ۋە قىزىقىشلىرى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەربىر كىشىنىڭ ئوخشاشمىغان ساھەلەردە جارى قىلدۇرالايدىغان قابىلىيىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ

  • پاي چېكى سودىسىغا قانداق قاتنىشىمىز

    پاي چېكى سودىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاكسىيەگە مەبلەغ سېلىش سالاھىيىتىڭىز بۇلىشى كېرەك شۇڭا ئاۋۋال كىملىكىڭىزنى ئېلىپ، ئىش ئورنىڭىز ياكى ئۆيىڭىزگە يېقىنراق پاي چېكى تىجارەت ئورنىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرسىڭىزلا، ئاكسىيەگە مەبلەغ سې...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有